ئىراندا بۇلتۇر 66 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتىن قوغلانغان

ئىران ھۆكۈمىتى دۆلەت چىقىمىنى ئازايتىش مەقسىتىدە، بۇلتۇر 66مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشتىن قوغلاپ چىقارغان.

1131478
ئىراندا بۇلتۇر 66 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتىن قوغلانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا بۇلتۇر 66 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشتىن قوغلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئىسنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراندا دۆلەت چىقىمىنى ئازايتىش مەقسىتىدە بۇلتۇر 66740 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتىن قوغلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بولۇپ جەمئىي 14 مىنىستىرلىقتا ئىشلەيدىغانلار كۆپرەك ئىشتىن چىقىرىلغان.

نېفىت مىنىستىرلىقىدىن 8000، مەدەن ۋە سودا مىنىستىرلىقىدىن 7654 ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتىن قوغلانغان.

باشقا مىنىستىرلىقلاردىنمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشتىن چىقىرىلغانلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلمىدى.

دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمى نېفىتقا تايىنىدىغان ئىراندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادىي ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئىشسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئېھتىياجتىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر