خىتاي ئامېرىكانى مىڭ ۋەنجۇنى كانادادىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى مىڭ ۋەنجۇنى كانادا ھاكىمىيىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىردى.

1130784
خىتاي ئامېرىكانى مىڭ ۋەنجۇنى كانادادىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنى خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى كانادا دائىرىلىرىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خۇا چۇنيىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ئادەتتىكى جىنايەت دېلوسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە زىت ئىشلارنى قىلىۋتقانلىقىنى ياقلىغان خۇا چۇنيىڭ، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىك، قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى دەپسەندە قىلىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىدىن خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى بۇرۇنراق قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى خۇا چۇنيىڭ: ئامېرىكانى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ۋە كانادا ھۆكۈمىتىدىن مىڭ ۋەنجۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىرىمىز، دېدى.

باياناتچى خۇا چۇنيىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېيدىن ئىبارەت خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيە شىركىتىگە بېسىم قىلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى يەنە كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كانادالىق سابىق دىپلومات مايكېل كوۋرىگ ۋە كارخانچى مايكېل سپاۋور قاتارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بولىدىغانلىقىنى ياقلىدى.

خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن بولغان خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى رىن جىڭفېينىڭ قىزى ۋە خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگو سىياسىتىگە زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇلتۇر 1-دېكابىردا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

كانادا سوت مەھكىمىسى 10 مىليون كانادا دوللىرى كاپالەت پۇلى بېرىش شەرتى ئاستىدا، مىڭ ۋەنجۇنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى.

كانادانىڭ ۋاشىنگىتون ئەلچىسى دېيۋىد ماكناگتون، تۈنۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكانىڭ خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇنى كانادا ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر