ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ يولدىشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېتنىڭ 97 ياشلىق يولدىشى ېئدىنبۇرگ دۈكۈ شاھزادە پىلىپس ئەنگلىيەنىڭ شەرقىدىكى ساندىرىڭگام سارىيى ئالدىدا قاتناش ۋەقىسىگە ئۇچرىدى.

1128728
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ يولدىشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھلىق سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئېدىنبۇرگ دۈكۈ شاھزادە پىلىسپنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ساندىرىڭگام سارىيى ئالدىدا قاتناش ۋەقىسىگە ئۇچرىغالىقى ۋە يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساراي باياناتچىسى «Range Rover» ماركىلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان ۋە قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن ھۇشىدىن كەتكەن شاھزادىنى دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ھېچقانداق نورمالسىز ئەھۋال يوقلۇقىنى قەيت قىلدى. 

شاھزادە پىلىپس 1947يىلى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت بىلەن توي قىلغان ۋە 2017يىلى شاھ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن ۋەزىپلىرىدىن قول ئۈزگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر