ترامپ: دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ  دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلىتىگە يۈزلەندۈرگۈسى باشقۇرۇلىدىغان بومبلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1128261
ترامپ: دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئىران مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشنى سىناق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىگەن بولسا، ئىران مۇھىم ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئۇچۇرلاردىن قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلىناتتى، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئامېرىكىغا يېتىپ بارالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىگە يول قويمايمىز. ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىپ ناھايىتى ياخشى قىلدۇق، چۈنكى ئىران ئىككى يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا، ھازىر خەتەرلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى، راستىنى ئېيتقاندا، تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بار.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەقىبلىرىگە قارشى تېخنولوگىيەلىك جەھەتتىن  ھەمىشە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن  ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغىچە بارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا قارشى قوغدىنىش ھەم مۇداپىئە كۈچىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزمەكتە.»

ترامپ ئالەم بوشلۇقىنى بىر ئۇرۇش ساھەسى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى خامچوت لايىھەمىز ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى مۇئەسسەسەسى تەسىس قىلىمىز، بۇ يېپيېڭى بىر تېخنولوگىيەدۇر. سىستېمىلىرىمىز ئارقىلىق داۋاملىق دۈشمەن كۈچلەر ياكى باشقا كۈچلەرنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ  خاتا ھالدا بىزگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە تاقابىل تۇرىمىز، قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ دەرھال پاچاقلاپ تاشلايمىز، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۈرى ياكى ھۇجۇمنىڭ جۇغراپىيەلىك مەنبەسى قانداق بولسا بولسۇن، بىزگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ئەسلا يول قويمايمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ناھايىتى باي دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان  ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمراھلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەكلىكىنى، دەسلەپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىدا، ياۋروپا ئەڭ مەشھۇر شەخسكە ئايلانغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى تۆلەش توغرۇلۇق بەرگەن ئەھدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چىقىم ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ مۆڭى بولالمايمىز، بۇنداق سۈپەتلەر بىلەن ئاتىلىشنىمۇ خالىمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر