ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش پىلانىغا قارشى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

1127496
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېي ئۆكتىچى ئىشچى پارتىيەسىنىڭ ئىشەنچىسىزلىك تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتا پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

ئاۋازغا قويۇشتا 325 پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى قوللاپ، 306 پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتكە قارشى بېلەت تاشلىدى.

مېينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن ئىتتىپاق بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئالدىنقى كۈنى پارلامېنت تەرىپىدىن 202 گە قارشى 432 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغاندىن كېيىن،   ئىشچى پارتىيەسى پارلامېنتقا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىشەنچىسىزلىك تەكلىپى سۇنغانىدى.

مېينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى مەسىلىسىدە دۈشەنبە كۈنى پارلامېنتقا «ب» پىلانىنى سۇنۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر