ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى چورۇمدا

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى تارىق زەيدان ئەلئەسسامى مەدداھ بىر شىركەتكە ئائىت ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ چورۇم ۋىلايىتىگە كەلدى.

1127696
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى چورۇمدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاماسيادىكى مەرزىفون ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن  ۋېنېزۇئېلا ھەيئىتىنى ئاماسيادا چورۇم ۋالىيسى مۇستافا چىفتچى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت قارشى ئالدى، ھەيئەت كېيىنچە قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق چورۇمغا ئۆتتى.

مەدداھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت چورۇمدا سانائەت رايونىغا جايلاشقان بىر شىركەتكە ئائىت  ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

چورۇمدىكى شىركەتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئەخلەتچى، مەدداھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتكە ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر