كاتالونىيەدە مۇستەقىللىق تەرەپدارى 11 كىشى قولغا ئېلىندى

ئىسپانىيە ساقچىلىرى 2018-يىلى 1-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بۆلۈنۈشكە مايىل خەلق بىرلىكى نامزاتلىقى (CUP) پارتىيەسىدىن بولغان ئىككى ناھىيە باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنى قولغا ئالدى.

1127405
كاتالونىيەدە مۇستەقىللىق تەرەپدارى 11 كىشى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى ساقچى دائىرىلىرى 11 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، كاتالونىيەنىڭ گىرونا شەھىرىگە قاراشلىق ۋېرگېس ۋە كېلرا ناھىيەلىرىنىڭ خەلق بىرلىكى نامزاتلىقى پارتىيەسىدىن بولغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە كاتالونىيەدە مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان نامايىشلارنى تەشكىللىگەن «جۇمھۇرىيەتنى قوغداش كومىتېتلىرى» ناملىق گۇرۇپپىغا چېتىشلىق توققۇز كىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

مەزكۇر كىشىلەر كاتالونىيەدىكى قانۇنغا خىلاپ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ 1-يىللىقى بولغان 1-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، گىرۇنادىكى تېز پويىز يولىنى توسۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ جەرياندا، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتتىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرى، خەلق بىرلىكى نامزاتلىقى پارتىيەسىدىن بولغان ئىككى نەپەر يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، پارلامېنتتىكى خىزمەتلىرىنى توختاتتى.

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتى كۋىم توررا بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلېس پۇئىگدېمونت تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، قولغا ئېلىنغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

توررا بىلەن پۇئىگدېمونت قولغا ئېلىنىشلارنىڭ ئارقىسىدا «ئىسپانىيە دۆلىتىنىڭ بېسىمى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەخمىنەن 200 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا گىرونا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر