رۇسىيە، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

قارادېڭىزدىكى كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 20 نەپەر ھەربىي خادىمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتى 24 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى.

1126731
رۇسىيە، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى لېفورتوۋىسكىي سوت مەھكىمىسىدە تۈنۈگۈن باشلانغان سوتتا ئەسكەرلەر 3 ئايرىم زالدا تۆتتىن – تۆتتىن سوتلاندى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئاممىغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن سوت زالىغا ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، مۇخبىرلار ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغان ئەسنادىلا كىرگۈزۈلدى.

سوتنىڭ ئاخىرىدا سودىيەلەر، 24 ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ يىگىرمىسىنىڭ قاماق مۇددىتىنى 24 – ئاپرېلغىچە كېچىكتۈرۈشنى، قالغان 4 ئەسكەرنى 16 – يانۋار (بۈگۈن) سوتلاشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قارادېڭىزنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى، ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 3 پاراخوتتىكى ئەسكەرلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.

قىرىمدىكى رۇس مەھكىمىسى ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەرنىڭ 2 ئاي بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارار قىلغان، ئارقىدىن ئەسكەرلەر موسكۋادىكى بىر تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر