لاۋروۋ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

1126890
لاۋروۋ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيە بولۇپ سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە تۈركىيەمۇ قوللىغان بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىلانى توغرۇلۇق ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەزكۇر پىلانغا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن سېرگېي لاۋروۋ: بۇ مەسىلىگە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا  مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنتىمىز ۋىلادىمىر پۇتىن ئالاھىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.  

لاۋروۋ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « مەقسىتىمىز سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قېلىشتۇر، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دائىر كېلىشىمنى ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە رۇسىيە بولۇپ بارلىق ب د ت ئەزالىرى ئىمزالىغان. بىز تۈركىيە بولۇپ سۈرىيەگە قوشنا بارلىق دۆلەت ۋە رايوندىكى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تۋىتتېر ئادرېسىدا سۈرىيەدە 32 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش توغرىسدا ئۇچۇر يازىدۇ، ئارقىدىن پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفوندا بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تەپسىلىي كۆرۈشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئەتراپىغا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىكرىنى مەن سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدىن باشلاپ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن، 30 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسىنى بۇ قېتىم پىرېزىدېنت ترامپ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويدى.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر