خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دىرىكتورى پولشادا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن نازارەتكە ئېلىندى

پولشا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئورگىنى رەھبەرلىرىدىن ماكىژ ۋاسىك بۇ قولغا ئېلىشنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1124263
خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دىرىكتورى پولشادا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن نازارەتكە ئېلىندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ۋارشاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلىمۇ خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

پولشا دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «TVP» نىڭ دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگىنىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي دىرىكتورى بىلەن يەرلىك بىر شىركەتنىڭ سابىق خادىمىنىڭ سەيشەنبە كۈنى نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىسمى «ۋېجىڭ ۋ» دەپ ئېلان قىلىنغان خىتاي دىرىكتور بىلەن بىرگە ئۆتمۈشتە جاسۇسلۇق ئىدارىسى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلغان پولشا پۇقراسى بىر كىشىنىڭمۇ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پولشا بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن خۇاۋېي ۋە يەرلىك ئۇچۇر ئالاقە شىركىتى «Orange Polska» نىڭ ۋارشوۋادىكى ئىشخانىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھۆججەتلەر ۋە ئېلكېتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇسادىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. 

نازارەتكە ئېلىنغان خۇاۋېي دىرىكتورى بىلەن يەنە بىر كىشىنىڭ ئۆيلىرى ئاختۇرۇلدى. پولشا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئورگىنى رەھبەرلىرىدىن ماكىژ ۋاسىك بۇ قولغا ئېلىشنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر ئىككى كىشى پولشاغا قارشى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىدى» دېدى.

پولشا دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «TVP» خىتاي دىرىكتور بىلەن پولشا پۇقراسىنىڭ ئېتىراپ قىلغىلى ۋە بايانات بەرگىلى ئۇنىماي ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرىۋالغانلىقىنى، ئەگەر جىنايىتى ئىسپاتلانغان تەقدىردە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇاۋېينىڭ خىتايدىكى مەركىزى بولسا، ئەھۋالنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

خۇاۋېينىڭ خىتايدىكى مەركىزى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە فىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە خادىملىرىدىنمۇ بۇنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ۋارشاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن بىر مەسئۇلمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسلىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر