خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

نامايىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى.

1124337
خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە 145 كىچىك بالىغا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن پالەچنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنى ئىشلىتىلگەنلىكىگە قارشى يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گىزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاكسىن ئۇرۇلغان كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە يۈزلىگەن كىشى، جىياڭسۇنىڭ خەيئەن شەھىرىگە قاراشلىق جىنخۇ ناھىيەسىدىكى ۋاكسىن ئىشلىرىغا مەسۇل سەھىيە مەركىزى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نامايىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى.

ئاساسلىق كۆپ قىسمى ۋاكسىن ئۇرۇلغان كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىن تەشكىل تاپقان كىشىلەرنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاكىسنلاردا ھېچقانداق رەت نۇمۇرى ياكى ئىشلىتىش ۋاقتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەس سىسېتمىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر ۋاكسىنلار سەۋەبىدىن 17 مەسئۇل جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

خىتايدا ئىيۇل ئېيىدا خىتاينىڭ ئىككى چوڭ ۋاكسىن ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىدىن بىرسى بولغان چاڭدۇن چاڭسىڭ سەھىيە تېخنىكا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ۋاكسىننى تۆۋەن سەۋىيەدە ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاكسىن سۈيۈغلۇقلىرىنىمۇ ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتايدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ۋەقەگە قارىتا ھۆكۈمەت ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 113 مىڭ ۋاكسىننىڭ ۋاقتى ئۆتۈش تارىخىنى سىستېمىلىق ھالدا يالغان كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە 252 مىڭ 600 ھەر خىل ۋاكسىننىڭمۇ سۈپەتسىز تۆۋەن ئۆلچەمدە ئىشلەپ چىقىرىغانلىقى پاش بولغان ئىدى.

بۇزۇق ۋاكسىننى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتنىڭ 18 مەسئۇلى نازارەتكە ئېلىنىپ، شىركەتنىڭ بازارغا مال سېلىشى چەكلەنگەن ۋە شىركەتكە 9 مىليارد 100 مىليون يۇەن (تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون دوللار جەرمانە قويۇلغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر