مايك پومپېيو ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ سەككىز كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق زىيارەت پىلانى ئىچىدە بولمىغان ئىراققا تۇيۇقسىز يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1123292
مايك پومپېيو ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سەككىز كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق زىيارەت پىلانى ئىچىدە بولمىغان ئىراققا تۇيۇقسىز يېتىپ باردى. ئۇنى باغداد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئىراق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ھالبۇسى كۈتۈۋالدى.

مايك پومپېيو باغدادتا دەسلەپتە پىرېزىدېنت بەرھەم سالىھ ۋە باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلھمەھدى بىلەن كۆرۈشتى.

ئىراق پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بەرھەم سالىھ بىلەن پومپېيونىڭ كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە رايوندىكى سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە مۇقىمسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن، بارلىق تەرەپلەر ئارىسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان دىيالوگنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، رادىكالىزم ۋە تېررورىزمنى تۈگىتىشتە، رايونلۇق ھەمدە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئىتتىپاقداش ۋە دوست دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ئارزۇسىنىمۇ بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ ئىراقنى سىياسەت، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە مۇھىم ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى، ئىراقنى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان رايونلارغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە بۇنىڭغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان.

ئۇ ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلھمەھدى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، پومپېيونىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات مەسىلىلىرىدە قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پومپېيونىڭ ئادىل ئابدۇلھمەھدى بىلەن سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، دائېشنىڭ رايوندىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشىدا ئورنىتىلغان ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشىنىڭ،  پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2018-يىل 26-دېكابىر ئامېرىكانىڭ ئەنباردىكى ئاينۇل ئەرەب ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىراقنىڭ ھېچقانداق ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشمەستىن قايتىپ كېتىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان نارازىلىقلار سەۋەبىدىن بولۇشى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر