گىرېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس فېۋرال ئېيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1123034
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىپراس گىرېتسىيەنىڭ «‹ Open TV › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى، بىراق زىيارەتنىڭ ئېنىق ۋاقتىنىڭ بېكىتىلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچۇر - ئالاقە بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقان زامانلاردا تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بەزى مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بولغان ئۇچۇر - ئالاقە قانىلىنىڭ ھەمىشە ئوچۇق بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. دەرۋەقە، ئەردوغان بىلەن خەلقئارالىق يىغىنلاردا ھەر 2 – 3 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشىمەن، چۈنكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى ئۇچۇر - ئالاقە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»