ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاندىكى بەزى كىشى ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ۋېنېزۇئېلادىكى 7 كىشى ۋە بەزى ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1122301
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاندىكى بەزى كىشى ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، مەزكۇر كىشى ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋېنېزۇئېلا خەلقى يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بىر پەيتتە مىليونلارچە دوللارلىق چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 7 كىشىگە جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش يولىدىكى قەدەملىرىنى قوللاش ئۈچۈن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارنى ئىشقا سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر