ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىيوردانىيەدە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىيوردانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1122064
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىيوردانىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو 7 دۆلەتكە قىلىدىغان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سافادى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىيوردانىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونلۇق ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، سۈرىيە كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش يولىدا ئامماننىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، دۆلىتىنىڭمۇ ئىيوردانىيەنىڭ مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىرانغا قارىتا يولغا قولۇۋاتقان ئېمبارگولار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىيوردانىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ئىراننىڭ رايون ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن خەۋپ مەسىلىسىدە ئورتاق قاراشقا ئىگە.  پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈش قارارى ھېچقاچان بىزنىڭ بۇ تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ نورمال بىر دۆلەت بولۇشىنى نىشان قىلماقتا، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىرانغا پەقەت دىپلوماتىك جەھەتتىنلا ئەمەس، سودا ساھەلىرىگە قارىتىلغان بېسىمنىمۇ ئىككى ھەسسە كۈچەيتىمىز.»

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سافادى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ دۆلىتىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇھىم زىيارەت ئىكەنلىكىنى، بۇ سايىدا رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچرىشىشتا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرىلىقمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، تەرەپلەر ئارا سۆھبەتلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىنىڭ خەۋپلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىرىزىسنى ھەل سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىش چارىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتقان سافادى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىنى قوغداش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش سياسەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىيوردانىيەدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە مىسىر، بەھرەين، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۇممان ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ زيارەتتە بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر