خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرى ئاخىرلاشتى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەيئەتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن سودا مۇزاكىرىلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

1122236
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەيئەتلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىرىدىن لۇ كاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ يەنە بىر كۈن ئۇزارتىلىشىنىڭ سەممىيەتنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لۇ كاڭ، مۇزاكىرىلەردىن ئۈنۈملۈك نەتىجە چىققان تەقدىردە بۇنىڭ ھەم ئىككى دۆلەتكە ھەمدە باشقا دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان ۋە  بېيجىڭدا مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى باشلىنىپ بۈگۈن (چارشەنبە)ئاخىرلاشقان مۇزاكىرىلەرگە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خى ۋە سودا مىنىستىرى جوڭ شەننىڭمۇ  قاتناشقانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى تاموژنا باجلىرى بىلەن تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 90 كۈنلۈك «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش»مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان تاموژنا باج نىسبىتىنى 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ %10تىن %25گە يەتكۈزۈش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋاقىتلىق «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى»، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرلىرىگە قارىتا يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى قويۇشىغا توسالغۇ بولدى.

خىتاي بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قاراتقان تاموژنا بېجى نىىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر