بىر كۈن ئىچىدىلا نۇرغۇن ئاراكانلىق يۇرتنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

ب د ت بىر كۈن ئىچىدىلا نۇرغۇن ئاراكانلىقنىڭ توقۇنۇشلار تۈپەيلى يۇرتىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1121942
بىر كۈن ئىچىدىلا نۇرغۇن ئاراكانلىق يۇرتنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرمانىڭ ئاراكان ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن «ئاراكان ئارمىيەسى»دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، بىر كۈن ئىچىدە 4500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، ئاراكان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبلىك بىر كۈن ئىچىدىلا 4500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كۆچۈپ كېتىشىكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئاراكان ئارمىيەسى»دەپ ئاتىلىدىغان ئاراكان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۇتىداڭ شەھىرىدە 4 –يانۋاردا ساقچىى پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قوزغىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ھەق، بۇلتۇر دېكابىردا يۈزلەرچە ئاراكانلىقنىڭ بۇتىداڭ ۋە راتېداڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىراق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار تۈپەيلى قايتىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ھەق كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاراكانلىقلارنىڭ كىياكتاۋ، پونناگيۇن، راتېداڭ ۋە بۇتىداڭ قاتارلىق جايلاردىكى موناستىر ۋە باشقا ئومۇمىي ماكانلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت بىرما ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسىغا ۋاقىتلىق تەيىنلەنگەن كىنۇت ئوستبايمۇ ئاراكان ۋە شىمالدىكى جايلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 4-يانۋاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئاراكاندىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 720 مىڭغا يەتكەن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكاندا يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ چىققانىدى.

ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» ياكى «ئېتنىك تازىلاش قىلمىشى»دەپ ئاتايدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر