زەرىف ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە «سىياسىي كورلۇق» دەپ باھا بەردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە «سىياسىي كورلۇق» دەپ باھا بەردى.

1121463
زەرىف ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە «سىياسىي كورلۇق» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتىدە جەريانىدا رىئاللىقنى سۈنئىي رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆزئەينەك تاقىغان ھالەتتە چۈشكەن بىر پارچە فوتو سۈرىتىنى ئورتاقلىشىپ، ئاستىغا «بىر رەسىم مىڭ سۆزنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. بىراق بۇ رەسىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ناچار سىياسەتلىرى توغرىسىدا مىڭ سۆزدىنمۇ كۆپ نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ» دەپ يازدى.

زەرىف ئۇچۇرىنىڭ داۋامىدا بولسا، «كورلار ۋادىسىدا رىئاللىقنى سۈنئىي رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆزئەينەكلەرنى تاقىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا كورلار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئۇ يەردە بايانات بېرىپ،  ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ <كورد جەڭچىلىرى> نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە دائېشنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

دونالد ترامپمۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، «مەن ھېچقاچان ناھايىتى تېز سۈرئەتتە چېكىنىدىغانلىقىمىزنى دېمىدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر