مېكسىكىدا بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
مېكسىكىنىڭ پلايا دېل كارمېن شەھىرىدە بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1121562
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «لاس ۋىرگىناس» ناملىق بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1 كىشى يارىلانغان.
زوراۋانلارنىڭ كىملىكى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان، ساقچىلار بەزمىخانىنىڭ ئالدىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.