لىۋان: «بىزنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىقىمىز بار بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ يوق»

لىۋان ساقچى باشقارمىسى باشلىقى ئابباس ئىبراھىم لىۋاننىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىقى بارلىقىنى ئىسرائىلىيەنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1121354
لىۋان: «بىزنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىقىمىز بار بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ساقچى باشقارمىسى باشلىقى ئابباس ئىبراھىم، ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى تۇنېللارنىڭ كونا تۇنېللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابباس ئىبراھىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكەن ئاي لىۋان چېگراسىدا ئېلىپ بارغان شىمالىي قالقان ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھىزبۇللاھقا تەۋە بولغان تۇنېللارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالدى.

چېگرادىكى تۇنېللارنىڭ بۇرۇن كولانغان تۇنېللار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئابباس ئىبراھىم، تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنېلنى باھانە قىلىپ ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان ئبىراھىم، لىۋاننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇرۇشقا تەييارلىقى بارلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا ئۇرۇشقا تەييارلىقى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابباس ئىبراھىم لىۋاندىكى تېررورچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆرىنەرلىك ئازايغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇلتۇر 4-دېكابىردا لىۋان چېگراسىدا ھىزبۇللاھقا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇنېللارنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن «شىمالىي قالقان»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ھەربىي ھەرىكەتتە تۇنېللار بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى قوماندانلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان چېگرسىدا 4 تۇنېلنى ئېنىقلاپ چىقىپ بىتچىت قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر