خىتايدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 20 ئوقۇغۇچى يارىلاندى.

1121476
خىتايدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ China Daily › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر زوراۋاننىڭ پايتەخت بېيجىڭدىكى شىچېڭ رايونىغا جايلاشقان شۇەنۋۇ باشلانغۇچ مەپتىپىگە بېسىپ كىرىپ پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 3 ى ئېغىر 20 ئوقۇغۇچى يارىلانغان، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كېيىنچە زوراۋان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە،   ئالاقىدار تارماقلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن، ھەمدە زوراۋاننىڭ كىملىكى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر