ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ دېڭىزىنىڭ 151 كىلومېتىر يىراقلىقىدا 6.6 بال يەر تەۋرىدى.

1120297
ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مالۇكۇ دېڭىزىدىن 151 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەرنىڭ تېگىدىن 60 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر