پېنتاگوننىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگوننىڭ مەخسۇس كاتىپىلار ئىشخانىسى مۇدىرى كېۋىن سۋېنېي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1119946
پېنتاگوننىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون سۋېنېينىڭ ئىستېپاسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ ئىستېپا سەۋەبىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن باياناتتا، ئۆتكەن يىل سابىق مىنىستىر جېيمس ماتتىسنىڭ مەخسۇس كاتىب مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن سۋېنېينىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەگە قەدەم تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېۋىن سۋېنېي، ئۆتكەن ھەپتە ئۇزۇندىن بۇيان قول ئاستىدىكى خادىملارغا ناچار مۇئامىلە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان پېنتاگون باياناتچىسى دانا ۋايتنىڭ ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن پېنتاگوندىن ئىستېپا بەرگەن ئىككىنچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر