تالىبان باغلاندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 10 ساقچىنى ئۆلتۈردى.

1118652
تالىبان باغلاندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغلان ۋالىيسى ئابدۇلھەي نەماتى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ باغلاننىڭ مەركىزىدىكى بىر ساقچى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، 10 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كۆپ ساندا تالىبان ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىباننىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، ھۇجۇمدا 20 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر