گىرېتسىيە قەھرىمان كۆچمەنلەرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنا ئەتراپىدا ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان 3 كۆچمەن گىرېتسىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندى.

1118322
گىرېتسىيە قەھرىمان كۆچمەنلەرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلدى
yunanistan gocmenlere vatandaslik1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئالبانىيەلىك جېك غەنى، مىسىرلىق ئىبراھىم ماھمۇد مۇسا ۋە ئەلخەيمى ئەمادقا پىرېزىدېنت پىروكوپىس پاۋلوپۇلوس تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە ئارقىلىق پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇراسىمغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكسىس ھارىتسىسمۇ قاتناشتى. 

پىرېزىدېنت پاۋلوپۇلوس بۇ مۇراسىم ئارقىلىق مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدىن ئىلگىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھەمكارلىشىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر سىگنال بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۆز خەلقىنىلا ئويلاش ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ ياۋروپا قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۈچ نەپەر كۆچمەننىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئۈلگە ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن پىرېزىدېنت پاۋلوپۇلوس «بەزى ياۋروپالىق شېرىكلىرىمىز ياۋروپالىق بولۇشنىڭ چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بەزى مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم» دېدى.

گىرېتسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان كېمىلىرى بىلەن ئوت ئاپىتىدىن قاچقانلارنى قۇتقۇزغان 3 نەپەر كۆچمەن ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىنتايىن پىداكارانە بىر شەكىلدە ئۆز ھاياتلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرىپ، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە پۇقرالىرىمىزنىڭ يارمىدىگە يۈگۈردى» دېگەن ئىدى.

ئافىنادا تەخمىنەن 230 كىۋادارات كېلومېتىرلىق ئورمانلىقتا 23 - ئىيۇلدا باشلانغان ۋە قاتتىق شامالنىڭ تەسىرىدە قىسقىغىنە ۋاقىتتا ساھىل بويىدىكى ئولتۇراق رايونلارغىچە كېڭەيگەن ئوت ئاپتىدە، 100 كىشى ئۆلۈپ، 187 كىشى يارىدار بولغان ھەمدە يۈزلىگەن ئۆي ۋە ئاپتوموبىل كۆيۈپ كۈل بوپ كەتكەن ئىدى.

ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئوتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۈزلىگەن كىشى ئۆزىنى دېڭىزغا ئاتقان ئىدى.

شۇ جەرياندا كۆچمەنلەرنىڭ بېلىقچى كېمىلىرى ساھىلغا يېتىپ كېلىپ، سائەتلەرچە ياردەم كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنى دېڭىزدىن پورتقا يۆتكىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر