نورۋېگىيە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى چاقىرىق قىلدى

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ نورۋېگىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش نۇتقىدا، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى چاقىرىق قىلدى.

1117469
نورۋېگىيە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ يېڭى يىل تەبرىكلەش سۆز قىلغاندا، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىنىڭ كۆپ قىسمىنى پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نوپۇس كۆپىيىشىگە ئاجراتتى.

ئۇ نورۋېگىيە ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.6 بالا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نورۋېگىيە پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەرزەنت سانىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇڭا نورۋېگىيە خەلقىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ھازىرقى تۈزۈمنىڭ يەنە 10 يىل مەسىلىسىز مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، باج تۆلەيدىغان نوپۇس كۆپەيمىگەن تەقدىردە، نورۋېگىيە پاراۋانلىق سىستېمىسىدا مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

2013- ۋە 2017-يىللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق سايلامدا ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، نورۋېگىيەنىڭ ئايال باش مىنىستىرى بولغان ئېرنا سولبېرگ 58 ياش بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر