دانىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
دانىيەنىڭ سىجاللاند ۋە فىن ئاراللىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان سىتورېبائېلس كۆۋرۈكىدە مەيدانغا كەلگەن پويىز ۋەقەسى 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
1117794
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 07.30 دا سىتورېبائېلس كۆۋرۈكىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈك پويىزىغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى قازا قىلغان، 8 كىشى يېنىك يارىلانغان.
ۋەقەدىن كېيىن نىبورگ شەھىرىدە ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، قازا سەۋەبىدىن تاقالغان كۆۋرۈكنىڭ بىر قىسمى ئېچىۋېتىلگەن.