ئەنگلىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 3 ئادەم يارىلاندى.

1117013
ئەنگلىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانچېستېر ساقچى ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ۋىكتورىيا پويىز ئىستانسىسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ بىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمچىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمچىنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بار – يوقلۇقىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقى، تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

مانچېستېردا 2017 – يىلى مايدا ئارىيانا گراندې كونسېرت بېرىۋاتقان ئەسنادا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 22 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئەنگلىيە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ھوشيارلىقنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككىنچى تەھدىت سەۋىيەسىدە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر