ھىندونېزىيەدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى، 41 ئادەم يوقاپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروخو بايانات بېرىپ، غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى سۇكابۇمى رايونىغا قاراشلىق سىنارەسمى يېزىسىدا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 107 ئادەم ئولتۇرىدىغان 30 ئۆينىڭ لاي – لاتقىلارنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئاپەتتە 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 41 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇگروخو، تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 61 ئادەمنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شىددەتلىك پەسىل يامغۇرلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپلەپ ئۇچرايدىغان ھىندونېزىيەدە يىل بويى كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.