رۇسىيەدە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇرال رايونىدا كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنادا مەيدانغا كەلگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى.
1116647
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرال رايونىغا جايلاشقان ماگنىتوگورسك شەھىرىدىكى بىر بىنادا ئەتىگەن سائەت 4 ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.
فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رايوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن .
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا بىنانىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، خىش-كېسەك پارچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرى بالا بولۇپ، 10 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، 79 كىشىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق ئىكەن. پارتلاشتىن كېيىن نەق مەيدانغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلگەن.