گوللاندىيەدە نامايىش ئۆتكۈزگەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

گوللاندىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن سېرىق جىلىتكىلىكلەردىن 5 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1115986
گوللاندىيەدە نامايىش ئۆتكۈزگەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا 5 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەر  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن بۇ قېتىم گوللاندىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلدى.

تەخمىنەن 200 ئادەم قاتناشقان نامايىشتا سېرىق جىلىتكىلىكلەر پارلامېنتتىن شەھەر مەركىزىگە قاراپ ماڭدى.

ئومۇمەن ئاشقۇن مىللەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان كىشىلەر قاتناشقان نامايىشتا ساقچىلار بىلەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.

ساقچىلار بەزى نامايىشچىلارنىڭ تەرتىپكە رىئايە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ 5 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

بۇنىڭدىن باشقا لاھەي شەھەر باشلىقى پاۋلىن كىرىككې سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ رەت قىلىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گوللاندىيەدە 5 ھەپتىدىن بۇيان نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان سېرىق جىلىتكىلىكلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن "قىزىل جىلىتكىلىكلەر" كېلەر يىلى 13-يانۋاردا ئۇترېچت شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر