فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن سېرىق جىلىتكىلىكلەردىن 57 كىشى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

1115976
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېرىق جىلىتكىلىكلەر قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشتا 57 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

پارىژدىكى نامايىشلاردا سېرىق جىلىتكىلىكلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسى پايتەختتىكى نامايىشقا 800 ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى، پۈتكۈل مەملىكەت مىقىياسىدىكى نامايىشلارغا تەخمىنەن 12 مىڭ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى پارىژدىكى كەمپس-ئېلېيسېس كوچىسىغا يىغىلدى، بۇ يەردىكى نامايىش تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

يۈزلەرچە نامايىشچى شەھەردىكى بەزى تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ بىنالىرى ئالدىغا يىغىلدى.

بۇ جايلارغا قۇرۇلغان توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولدى.

ساقچىلار بىيۇگرېنېللې سودا-سېتىق مەركىزىگە يېقىن جايدا نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

نامايىشچىلار تروكادېرو مەيدانىغا كېلىپ بۇ يەردە "ماكرون ئىستېپا بەرگىن"دەپ شوئار توۋلاشتى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئاپشاركىلارنى ئىشقا سېلىپ تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.

رىيون شەھىرىدىكى نامايىشتىمۇ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار جېدەللەشتى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى، نامايىشچىلار ئەخلەت ساندۇقلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەتتا مەركەز بانكىنىڭ بىنا ئىشىكىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

تەخمىنەن 2400 ئادەم قاتناشقان بوردىكۇستىكى نامايىشتىمۇ ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكا ئاتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىلدى.

ئامىينىستىكى نامايىشتا جىدەل چىقىپ 10 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نانتېستىكى نامايىشتا 1 كىشى ئېغىر يارىلاندى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشلاردا نۇرغۇن يولنى قاتناشقا توسۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

فىرانسىيەدىكى يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ ناچارلاپ بېرىشىغا قارشى بۇ يىل 17-نويابىردا باشلىغان بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ۋە ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى، فىرانسىيە تارىخىنىڭ يېقىن مەزگىلىدىكى ئەڭ  كەڭ كۆلەملىك نامايىشى بولۇپ قالدى.

شەھەر مەركەزلىرىدىكى ئۆي ئىجرالىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلى چەت رايونلارغا ماكانلاشقان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي شارائىتلارنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

سېرىق جىلىتكىلىكلەر بۇ تەلەپلەردىن سىرت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە قانۇنلارنىڭ ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئارقلىق قارار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.

نامايىشلاردا ھازىرغىچە 10 ئادەم ئۆلۈپ 4341 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر