ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
توقۇنۇشتا 4 قوزغىلاڭچى ئۆلتۈرۈلدى، نامايىشتا بولسا، 6 كىشى يارىدار بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 قوزغىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھىندىستانغا قارشى نامايىش قوزغالدى.
ساقچىلار پۇلۋاما رايونىنى قورشاۋغا ئالغان ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 4 قوزغىلاڭچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان نامايىشتا، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى.
نامايىشتا 6 كىشى يارىدار بولدى.
شاھىتلار ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ تۇقۇنۇش جەريانىدا مەھەللىدىكى بىر ئۆينى پارتلاتقانلىقىنى ۋە پارتلاشتا ئاز دېگەندىمۇ 2 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.