ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1115044
ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ۋەزىرى ئالىستاير بارت، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەپتە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى  يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرىنىڭ دائىرىسنى كېڭەيتىش توغرۇلۇق قارارنامە ماقۇللىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئىسرائىلىيە قانۇنسىز ھالدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىزلىقتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ <ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەر بىلەن كېلەچەكتە ھەرقانداق بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش نىيىتى سەمىمىي ئەمەس ئىكەن> دېگەندەك گۇماننى تۇغدۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر