سۇداندىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

سۇداندا نان، يېقىلغۇ قاتارلىق كۈندىلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن، بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 406 گە چىقتى.

1115034
سۇداندىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى بىشارا جۇما ئارۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلانغان نامايىشلارنىڭ دەسلەپتە تىنچلىق ئۇسۇلدا بولغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى توسمىغانلىقىنى، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىق تۈسى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئىچكى ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەقەلەردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، نامايىشلاردا بۈگۈنگىچە ئىككى ئامانلىق خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 219 ئامانلىق خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 406 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن بۇلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر قانچە ۋىلايەتتە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان نامايىشلارنىڭ دۆلەت ۋە كىشلەرنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈكلىرىگە چوڭ زىيىنى بولدى. كۆرۈلگەن زىيانلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى. قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەسىلىلەر ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. 15-يانۋاردىن كېيىن نان، يېقىلغۇ ۋە نەق پۇل قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈزۈم ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلارغا خىتاب قىلىپ، بۇنىڭ يولىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «سىياسىي ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن دۆلىتىمىزنى ۋەيران قىلالمايمىز. ھەممە كىشىنىڭ تۈزۈم ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئەمما، بۇ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بولىدۇ» دېدى.

ئۇ مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت بايرىمى بايرىمى بولغان 1-يانۋاردىن كېيىن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

19-دېكابىر سۇداننىڭ ئاتبارا ۋە پورت سۇدان قاتارلىق شەھەرلەردە باشلانغان، ئەتىسى پايتەخت خارتۇمغا تۇتاشقان نامايىشتا، نامايىشچىلار دوللارنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن، نان، يېقىلغۇ ۋە گاز قاتارلىق كۈندىلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر