بەھرەين دەمەشقتە قايتىدىن باش ئەلچىخانا ئاچتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن بەھرەينمۇ ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە قايتىدىن باش ئەلچىخانا ئاچتى.

1115392
بەھرەين دەمەشقتە قايتىدىن باش ئەلچىخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بەھرەيننىڭ دەمەشقتىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قايتىدىن ئىش باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى، ھەمدە بەھرەيننىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى، مانامادىكى دەمەشق باش ئەلچىخانىسىنىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بەھرەين سۈرىيەدە 2011 – يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا دەمەشقتىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقىغانىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرەب ئەللىرى دەمەشقتىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن تەقدىردە، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بول

ىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر