تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ بولمىغۇر سۆلىرىگە رەددىيە بەردى

ئىسرائىلىيەدىكى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەشلەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىر تېنانياھۇنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى تۇترۇقسىز، يالغان، بۆھتانلارنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1113213
تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ بولمىغۇر سۆلىرىگە رەددىيە بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ھەرىكەت ساھەلىرىدە خەلق ئارزۇ قىلغان ۋە كۈتكىنىدەك شەپقەت قولى بولغانلىقىنى ۋە شەپقەت قولى بولۇشنى داۋملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيەدىكى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەشلەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى تېنانياھۇنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئىشلەتكەن تۇترۇقسىز، يالغان، بۆھتانلىرىنى رەت قىلمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

«تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى بويىچە داۋاملاشتۇرغان ۋەزىپە ۋە ھەرىكەتلىرىدە، ھېچبىر دەۋردە نۇمۇس قىلارلىق بىرەر ئىشنى سادىر قىلىپ باقمىدى» دېيىلگەن باياناتتا، «رىملار تەرىپىدىن قىبرىس لوفكۇشادا مۇنچىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئانىلار ۋە كىچىك بالىلارغا ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قىرىپ تاشلىغان بوۋاقلارغا ئوخشاش قوللىرى پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغانلار، تىنچلىق كاپالىتى بولۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارا چاپلىيالمايدۇ. خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان 1974يىلىدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، سەرىيەدىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە كۆرۈلگەنگە ئوخشاش تۈركىيە ئارمىيەسى ئەڭ قېيىن ھەرىكەت مۇھىتىدىمۇ پۇقرالارنى، تارىخىي ۋە دىنىي قۇرلۇشلارنى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارنى ھەرىكەتنىڭ كىچىكىپ قېلىشىغا قارىماستىن، تولۇق قوغداپ كەلگەندۇر» دېگەنلەر تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، «مىسال ئۈچۈن سۈرىيەدىكى راققە، ھەلەب، مۇسۇل، گۇتان، ئافرىن، ئەلبابنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىنكى رەسىملىرىنى سېلشىتۇرۇپ بېقىشى يېتەرلىكتۇر. تۈركىيە ئارمىيەسى ھەرىكەت دائىرىسىدە خەلق ئارزۇ قىلغان ۋە كۈتكەن شەپقەت قولىغا ئايلاندى شۇنداقلا شەپقەت قولىغا ئايلىنىشنى داۋملاشتۇرىۋاتىدۇ. ھەم تۈركىيەدە، ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋە ھازىرمۇ دۆلىتىمىزدە پاناھلىنىۋاتقان ئونمىڭلارچە كورد قېرىنداشلىرىمىزمۇ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم شاھىدلىرىدۇر» دېيىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر