ئەردوغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كىشىلىك مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلدى

نىگېرىيەدە چىقىدىغان «مۇسۇلمانلار خەۋىرى نىگېرىيە»ناملىق گېزىت ئەردوغانغا 2018-يىللىق«دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كىشىلىك مۇكاپاتى»نى بېرىشنى قارار قىلدى.

1111874
ئەردوغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كىشىلىك مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى  رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسلام  دۇنياسى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى ۋە نوپۇزى سەۋەبىدىن 2018-يىللىق «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كىشىلىك مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلدى.

نىگېرىيەدە چىقىدىغان «مۇسۇلمانلار خەۋىرى نىگېرىيە»ناملىق گېزىتنىڭ باش تەھرىرى رەشىد ئەبۇبەكىر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2018-يىللىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كىشىلىك مۇكاپاتىنى ھەم ئىسلام دۇنياسىدا ھەمدە خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىرى ۋە نوپۇزى بولغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەر دائىم مەزلۇملارغا ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئيتقان ئەبۇبەكىر: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نۇرغۇن ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قەتل قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە، دېدى.

ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەبۇبەكىر مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېرىيەلىك مۇسۇلمانلارنىمۇ قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئەبۇبەكىر مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى ئىسلام دۇنياسىدىكى بۆھرانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

بۇنىڭدىن سىرت، گېزىت ئەردوغاندىن كېيىن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەل سانىنى ئىككىنچى رەتكە، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتھىر مۇھەممەدنى ئۈچىنچى رەتكە تىزدى.

ئايدا ئىككى قېتىم چىقىدىغان «مۇسۇلمانلار خەۋىرى نىگېرىيە» گېزىتى، نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىسلام دۇنياسىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى خەۋەر قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر