پۇتىن ئەنئەنىگە ئايلانغان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەنئەنىگە ئايلانغان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 2018 – يىلىدىكى خىزمەت ۋە ۋەقە – ھادىسىلەرگە باھا بەردى.

1110927
پۇتىن ئەنئەنىگە ئايلانغان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىننىڭ 2001 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا بۇ يىل رېكورت ساندا مۇخبىر ئىشتىراك قىلدى. 2001- يىلى تۇنجى قېتىم چاقىرىلغاندا 500 مۇخبىر ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا، ئۆتكەن يىلى 1640، بۇ يىل بولسا، 1702 مۇخبىر قاتناشتى.

پۇتىن، 3 سائەت 40 مىنۇت ئىچىدە جەمئىي 66 سوئالغا جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى 2008 – يىلىدىكى 4 سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان يىغىن ئىدى. ۋىلادىمىر پۇتىن، 2001 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۆتكەن يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا جەمئىي 45 سائەت 859 سوئالغا جاۋاب بەرگەن بولدى.

بۇ جەرياندا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، يىغىننىڭ «باشتىن ئاخىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان» بىر پائالىيەت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، كرېمىل مەتبۇئات ئىشلىرى مەركىزى، پۇتىندىن سوئال سوراشنى پىلانلاۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىنى يىغىندىن ئىلگىرى كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.

كۆپ ساندا چەت ئەللىك مۇخبىر ئىشتىراك قىلغان يىغىنىدا، سوئال سوراش پۇرسىتى نۇقتىلىق ھالدا مەھەللىي مۇخبىرلارغا بېرىلدى.

رۇسىيەدە يىل ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ قىزىقىش قوزغايدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان يىغىن، رۇسىيە 1، رۇسىيە 24، قانال1 ۋە NTV دېگەندەك ئاساسلىق قاناللارنىڭ ھەممىسىدە بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

پايتەخت موسكۋادىكى خەلقئارا قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلانغان بولسىمۇ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان مۇخبىرلار ناھايىتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى ئاستىدا ئەتىگەن سائەت 08:00 دە زالنى تولدۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ يىل ئا 3 ھەجىمىدىن چوڭ پىلاكاتلارنى ئېلىپ كەلمەسلىك توغرىسىدا رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇشىغا قارىماي، كونا ئەنئەنە بويىچە ئىشتىراكچىلار پۇتىننىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پىلاكاتلار ھەتتا ئويۇنچاقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

پۇتىن، ئىقتىسادىي ساھەدە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، يېقىنقى ئىككى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكىگە ئوخشاشلا، ئىچكى مەسىلىلەرگە بەكرەك مەركەزلەشتى، يىغىننىڭ دائىرىسى ۋە مۇددىتى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، رۇسىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتغا قارىتىلغان سوئاللارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ ئىدى. ئۇ، سۈرىيە كىرىزىسىدىن رەقەملىق ئىقتىسادقىچە، نېفىت بازارلىرىدىن چېچىنىستاندىكى جۇدو زالىغىچە بولغان ئونلارچە سوئالغا جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر