ئامېرىكانىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى سۈرىيە زېمىنىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى

ئامېرىكانىڭ بۇرۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك غا قورال توشۇغان ئونلارچە يۈك ئاپتوموبىلى سۈرىيەدىن چېكىنىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، سۈرىيە زېمىنلىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى.

1110704
ئامېرىكانىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى سۈرىيە زېمىنىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (19-دېكابىر) كېچە سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگرا لىنيەسى قىزىپ كەتتى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 19-دېكابىر سائەت 23:00 تە ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك غا قورال ۋە ھەربىي ئەشيا توشۇغان ئۈستى يېپىق يۈك ئاپتوموبىللىرى ئىراققا قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن بېسىلغان ھەربىي ئەشيالارنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇق ئىكەنلىكى كۆرۈلىدىغان شەكىلدە ئۈستى ئوچۇق ھالدا ئىراققا قايتقان ئاپتوموبىللار، بۇ قېتىم ئۈستى يېپىق شەكىلدە ئىراق چېگراسىدىن ئۆتتى. قايتىش ئۈچۈن ئېلېكتىر توختىتىلغان كېچە ۋاقتىدا يولغا چىققان ئاپتوموبىللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈستى ئوچۇق، بەزىلىرىنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئەتىگەندە سۈرىيەدىكى 2 مىڭ ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنتلىقىم مەزگىلدە سۈرىيەدە مەۋجۇت بولۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولغان دائېشنى يەڭدۇق» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرسمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈشنى باشلىدۇق» دېگەن ئىدى.  

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋەرلىرىدە بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق خادىملىرىنى 24 سائەت ئىچىدە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنڭىمۇ 60 كۈندىن 100 كۈنگىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

مەركىزى لوندونغا جايلاشقان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوماندانلىرى س د گ (SDG) نامىنى ئىشلەتكەن ي پ گ|پ ك ك كاتتىباشلىرىنىڭ مۇنبىچ ۋە فىراتنىڭ شەرقىدىكى بارلىق رايونلاردىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋېلى، بارلىق ئەسلىھەلىرىنى چېكىندۈرۈپ-چېكىندۈرمەيدىغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن قوراللارنى قاچان ۋە قايسى ئۇسۇلدا قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى قاتارلىق بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سوئاللار ھازىرغىچە جاۋاب كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر