ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكى كېڭەيتىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى سايلاملارغا قول تىققانلىقى ۋە سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1110403
ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكى كېڭەيتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدا سىياسىي سايلاملارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە دۇنيا ئانتى دوپىڭ (Anti-Doping) ئاگېنتلىقىغا سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كۆپىنچىسى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان 14 كىشى بىلەن ئۈچ ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە سابىق رۇس جاسۇسى سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزىغا سۈيىقەست قىلغان رۇسىيەلىك ئىككى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەل مال-مۈلكى ئىشخانىسىنىڭ «ئامېرىكا دۈشمەنلىرىگە قارشى ئېمبارگو بىلەن كۈرەش قىلىش قانۇنى» رامكىسىدا، رۇسلار ئورۇن ئالغان ئېمبارگو تىزىملىكىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ۋىكتور ئالېكسېيېۋىچ بوياركىنغا، ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى رۇسىيەلىك ئولىگارك ئولېگ دېرىپاسكا نامىدا پائالىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىنغان.

باياناتتا، 2016-يىلى بوياركىن ۋە دېرىپاسكانىڭ قارا تاغدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارغا، بىر سىياسىي پارتىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش يولى بىلەن ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە يەنە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي سايلاملارغا قول تىقىش مەقسىتىدە سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، رۇسىيە ھەربىي ئىستىخباراتىنىڭ توققۇز خىزمەتچىسىمۇ كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئىنتېرنېت تەتقىقات ئاگېنتلىقى» ناملىق سىبەر پىروگراممىلىرىنى ياسايدىغان رۇسىيە شىركىتىنىڭ «لاختا لايىھەسى» دائىرىسىدە، ئوخشاشلا سايلاملارغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبىدىن «Nevskiy News LLC»، «Economy Today LLC» ۋە «Federal News AgencyLLC» شىركەتلىرىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئالېكساندېر ئالېكساندروۋىچ مالكېۋىچ ۋە ئېلېنا ئالېكسېۋىنا خۇسياينوۋا قاتارلىقلارمۇ يۇقىرىدىكى شىركەتلەرگە چېتىشلىقى سەۋەبىدىن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

دۇنيا ئانتى دوپىڭ ئاگېنتلىقىغا سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ جاسۇسلىرى بولغان ئالېكسې مورېنېتس بىلەن ئېۋگېنى سېرېبرىياكوغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزىغا سۈيىقەست قىلغان ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى مەسئۇللىرىدىن ئالېكساندېر پېتروۋ ۋە رۇسلان بوشىروۋنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر