تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تالىبان تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار 17 يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1109024
تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە دۆلەتتە تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى ۋە سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، سۆھبەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئابدۇسسالام راھىمى باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ھەيئىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئۆكتەبىر ئېيىدا قاتاردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر