خىتاي ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەش قارارىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى شىمالىي كورېيەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىەش قارارىنى قوبۇل قىلدى.

1109155
خىتاي ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەش قارارىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خەلقنىڭ شۇنچە ناچار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىماستىن، يادرو قوراللىنىش ئۇرۇنۇشلىرىدا بولۇپ يۈرvۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن بىر قارارنى قوبۇل قىلدى.

ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر قاراردا، شىمالىي كورېيەدە 10 مىليون كىشىنىڭ ئوزۇق يېتىشمەسلىك، پەۋقۇلئاددە خاراكتېرلىك سەزگۈرلۈك جەھەتتىكى ئاجىزلىقلارغا مۇبتىلا بولۇش نىسىبىتىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

قاراردا، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى خەلقنىڭ باياشادتلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا يادرو قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگرامملىرىغا ئىشلىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. 

قاراردا يەنە، شىمالىي كورېيەدە سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك بىر شەكىلدە كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

قارارغا، خىتاي، رۇسىيە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق بىر گۇرۇپپا دۆلەتلەر ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بىتەرەپ تۇرۇۋالدى. 

شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىم سوڭ، قاراردىكى ئەيىبلەشلەرنى كاتېگورىيەلىك ھالدا رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارارغا سىياسىي نەيرەڭۋازلىق دەپ باھا بەردى.

كىم سوڭ ياپونىيەنى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى تىنچلىق مۇھىتىغا پالتا چېپىش بىلەن ئەيىبلىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىل (2018) نىڭ بېشىدا تىنچلىق ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە زەيتۇن شېخى ئۇزىتىشى بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق شاماللىرى چىقىشقا باشلىغان ئىدى.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن 27ئاپرىلدا (2018) ئىككى دۆلەت چگراسىدىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەن، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى ۋە مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇرۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنى باشلاش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقانلىقلىرىنى جاكارلىغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يەنە، 12ئىيۇندا (2018) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سىنگاپوردا كۆرۈشكەن ۋە ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى جەھەتتە پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم تۈزگەن ئىدى.

كىم جوڭئۇن، مۇن جائىن ۋە دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېڭى يىل (2019) دا يەنە بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

بىراق، كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قورالسىزلىنىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرى ئۈچۈن تېخىچە كونكرېت بىرەر قەدەم تاشلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇچرىشىشلاردا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماي كەلمەكتە. شۇڭا، ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىمۇ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر