«ھۇدەيدە» دە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

يەمەننىڭ «ھۇدەيدە» شەھىرىدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

1109017
«ھۇدەيدە» دە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا شىۋېيتسارىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇزاكىرىلەردە يەمەنلىك تەرەپلەر ئارا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، «ھۇدەيدە» شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى  سائەت 0 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

يەمەن خەلقىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان »ھۇدەيدە پورتى» ۋە «ھۇدەيدە شەھىرى» ئۈچۈن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پورتتا رەھبەرلىك قىلىش رولى» نى جارى قىلدۇرۇشى، يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلىشى، بۇ ئارقىلىق مىڭلارچە يەمەن خەلقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش نىشانىغا يېتىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

شەھەردە تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى توقۇنۇشلار ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى.

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد يەمانى ھۇدەيدە  ناھىيەسىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 18 – دېكابىر سەيشەنبە كۈنى سائەت 0 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس 13 – دېكابىر كۈنى شىۋېيتسارىيەدە ئاخىرلاشقان «يەمەن» تېمىلىق كېڭەش  يىغىنلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەن خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە  بولغان«ھۇدەيدە پورتى» ۋە «ھۇدەيدە شەھىرى» ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەرەپلەر كېلىشىمگە رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى تىنچ ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر