دونالد ترامپ: «خىتاي پەسكە دومىلاۋاتىدۇ. شۇڭا زەپەرگە مەركەزلىشىش لازىم»

ئامېرىكا پىرېزىدېنى دونالاد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ ئۆسۈمنى قايتىدىن ئۆستۈرۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى.

1108953
دونالد ترامپ: «خىتاي پەسكە دومىلاۋاتىدۇ. شۇڭا زەپەرگە مەركەزلىشىش لازىم»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغان فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتى «FOMC» نىڭ يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆسۈمنىڭ ئۆستۈرۈلمەسلىكى كېرەكلىكىگە دائىر سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

تىۋىتتېردىكى خۇسۇسىي ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا مەركەز بانكىسى "Fed" نىڭ  شۈنچە كۈچلۈك دوللار زاپىسىغا ئىگە تۇرۇغلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل پاخاللىقىمۇ نۆلدە تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپ يۇرىشىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. پارىژ كۆيىۋاتىدۇ. خىتاي پەسكە دومىلاۋاتىدۇ. شۇڭا زەپەرگە مەركەزلىشىش لازىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نى ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن قېتىم تەنقىد قىلغان ئىدى.

بىر باياناتىدا «ئامېرىكا مەركەز بانكىسى "Fed" ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتكەن دونالد ترامپ، ئامېرىكا پايچېك بازارلىرىدىكى ئېغىر تۆۋەنلەشكە بانكىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ باشلىقىغا ئۆزى تەيىنلىگەن جېروم پوۋېلدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنىمۇ پات - پات تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جېروم پوۋېلنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا قارىتا: «ياق ئۇنى قوغلاپ چىقارمايمەن، پەقەتلا ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونال ترامپ 2017يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» 6 قېتىم ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئەتە ئاخىرىلىشىدىغان فېدېراتسىيە زاپىسى، ئوچۇق بازار كومىتېتى «FOMC» يىغىنىدا، ئۆسۈمنىڭ قايتا ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىغا قارىتا بازارلاردا %75 ياكى %80 چوڭ ئېھتىماللىقى بار، دېگەن قاراش ھاكىم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر