ھىندىستاندا كۆمۈر كانى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ 13 ئىشچى يوقۇلۇپ كەتتى

ھىندىستاننىڭ مىغالايا ئۆلكىسىدە سۇ ئاپتى سەۋەبىدىن بىر كۆمۈر كانى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى.

1107205
ھىندىستاندا كۆمۈر كانى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ 13 ئىشچى يوقۇلۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئالاقىدار ساقچى مەسئۇللىرى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپتى تۈپەيلىدىن كۆمۈر كانىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە 13 كان ئىشچىسىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۆلكە باشلىقى كونراد ساڭگما قانۇنسىز كانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان مەزكۇر كاننىڭ ئۆلتۇرۇشۇپ كېتىشى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. 

كان ئىشچىلىرىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر