مېي پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىشتە، 117 گە قارشى 200 بېلەت بىلەن غەلىبە قىلدى.

1106053
مېي پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىچىدە 200 ئىشەنچ بېلىتىگە ئېرىشىشى بىلەن، ئۇنىڭدىن 12 ئاي بويىچە ئىشەنچ بېلىتىنىڭ تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشنى قاتتىق قوللايدىغانلار تەشكىل قىلغان ياۋروپا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا توپلانغان ئىشەنچسىزلىك مەكتۇبلىرىنىڭ 48 دىن ئېشىشى بىلەن، ئىشەنچ بېلىتى تاشلاش قارار قىلىنغان بولۇپ، تۈنۈگۈن (12-دېكابىر) بېلەت تاشلانغان ئىدى.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي پارتىيەسىنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، سۆز قىلىپ: «يېڭى ئىشەنچىم بار. ئۇ بولسىمۇ: خەلقىم بېلەت تاشلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتنى قايتىدىن ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ھەممە كىشىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر