7 دۆلەت رايون خاراكتېرلىق بىرلىك قۇرۇش قارارى ئالدى

قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقىغا جايلاشقان 7 دۆلەت رايون خاراكتېرلىق بىرلىك قۇرۇش قارارى ئالدى.

1105990
7 دۆلەت رايون خاراكتېرلىق بىرلىك قۇرۇش قارارى ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىل دېڭىز ۋە ئافرىقا تۇمشىقى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىيوردانىيە، جىبۇتى، سومالى، سۇدان ۋە يەمەن قاتارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىك قۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلىكنىڭ مەقسىتىنىڭ خەلقئارا سودىنى ۋە قىزىل دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىشىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رايون خاراكتېرلىق بىرلىك قۇرۇش تەكلىپىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەيرنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئادىل ئەل جۇبەيرنىڭ: «قىزىل دېڭىز ۋە ئافرىقا تۇمشۇقىدا قۇرۇلىدىغان بىرلىك نەتىجىسىدە، ئىقتىسادى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكى ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ ۋە ھەرقانداق بىر سىرتقى كۈچنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رايونىمىزدا سەلىبىي رول ئوينىشىنى توسۇپ قالالايمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا جۇبەيردىن باشقا يەنە، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى، جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماھمۇد يۈسۈف، سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاۋاد، سودان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەد دەردىرى مۇھەممەد ئەھمەد، يەمەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ ئەل ھادرامى ۋە ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپى زەيد مۇفلىھ ئە لۇزى قاتناشتى.

قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقى ساھىللىرىغا جايلاشقان ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى 2017يىلى 11دېكابىردىن 12دېكابىرغىچە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شۇ قېتىمقى يىغىنغا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، جىبۇتى، يەمەن، سۇدان ۋە ئېرىترە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر