ئەلى ھامانىي: ئامېرىكا كېلەر يىلى ئىراننى مالىمان قىلماقچى
ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىي ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلى ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىش پىلانى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەلققە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ھامانىي ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە، ئىران – ئىراق ئۇرۇشى ۋە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىرىگە خىتاب قىلىپ، «ھەممەيلەن قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىم. ئامېرىكا 2019 – يىلى ئۈچۈن بىرەر پىلان تەييارلىغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئەلى ھامانىي ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئىرانغا قاراتقان بېسىملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئېمبارگو ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىلەن ئىراندا بۆلگۈنچىلىكلەرگە يول ئاچىدىغان ئىچكى ئۇرۇش چىقىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا: «ئىران ھۆكۈمىتى 40 – قۇرۇلۇش خاتىرە يىلىنى كۆرۈەلمەيدۇ. بۇ ياز ئىرانغا نىسبەتەن تولىمۇ ئىسسىق ئۆتىدۇ» دېگەن باياناتلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەلىي ھامانىي: «ئالدىنقى ياز تولىمۇ خاتىرىجەم ياز بولدى. ئىران خەلقى تەييار تۇرۇشى لازىم. ئامېرىكا ھىيلە ئىشلەتمەكتە. 2018 – يىلى دەپ قويۇپ، 2019 – يىلىدا ئوتتۇرىنى مالىمان قىلىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.