ترامپ بىلەن ئالىي پالاتا مەجلىسى باشلىقى پېلوسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە كېلىپ چىقتى

دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئالىي پالاتا باشلىقى چاك سچۇمېر ۋە ئاۋام پالاتا مەجلىسى باشلىقى نەنسىي پېلوسى ئوتتۇرىسىدا «مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش»مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرە يۈز بەردى.

1105579
ترامپ بىلەن ئالىي پالاتا مەجلىسى باشلىقى پېلوسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئالىي پالاتا باشلىقى چاك سچۇمېر ۋە ئاۋام پالاتا مەجلىسى باشلىقى نەنسىي پېلوسى ئوتتۇرىسىدا «مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش»مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرە كېلىپ چىقتى.

بۇ مۇنازىرە ئامېرىكانىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىنىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدىن راسخوت تەستىقلانمىغان تەقدىردە، «ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسېي پېلوسى، ئامېرىكالىقلارنىڭ ترامپ سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مۇنازىرە بىردىنلا كەسكىنلىشىپ كەتتى.

پېلوسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتكەن ترامپ: چېگرا بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىشتىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، چۈنكى خەلقىمىز جىنايەتچىلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە سوقۇنۇپ كىرىشىنى خالىمايدۇ، دېدى.

دونالد ترامپ چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دۆلەت راسخوتىدىن 5 مىليارد دوللار تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاران 1 مىليارد 300 مىليون دوللار تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا مەجلىسىدە 21-دېكابىرغىچە ئومۇمىي راسخوت مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى كېرەك، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىسا ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىش كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر